بىلىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ

<< PHP ساۋاتلىرى- PHPتوغرىسىدا چۈشەنچە | 首 页 | قاۋاق ئاچقان ئۇيغۇر قىزىغا >> ئادىل تۇنىياز:شەھەرنىڭ سىرى - [ ئەدەبىيات ] 2008-03-29 版权声明 :转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及 本声明 http://bilim.blogbus.com/logs/11086086.html شەھەرنىڭ سىرى ئادىل تۇنىياز بېرىلمىدى بىزگە ئىزاھات. سېلىنماقتا رەت-رەت ئىمارەت. ئېگىزلىگەن تەنھالىقىمىز. ۋاقىت بىر چوڭ شەيتان ئەينىكى، قېرى مۈشۈك تىكىپ كۆزىنى كۆرەلمەيدۇ ئۇندا ئۆزىنى. خالتا كوچا، ئادەم ،سامانيول بۇ شەھەردە كېسىشكەن بىر نۇر. چېقىلماقتا كونا بىنالار ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر . چاقناپ ئۆچەر توزان ئىچىدە لوم تۆمۈرلەر،سەرسان يىگىتلەر تام ئادەمنى قوغلايدۇ دەيدۇ، لېكىن قارام تام چاققۇچىلار قاراملىقى قۇترىغان بۇقا. بالياتقۇ ئۆي ئۇلار ئۈچۈن تىكىشىدۇ جېنىنى دوغا. بىز گويا ئوت سۇ ئىچىدىكى، بىز غايىبقا سېلىنغان بىنا. ئۆرۈلدى بىر بىنا نەم، قىزىل يىگىتلەر تام چېقىۋاتقاندا، ۋاقىتتىن قان ئېقىۋاتقاندا..... يات بىر تىلدا سۆزلەيدۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەكتە شەھەرلەر پوزۇر. يېڭى بىنا پۈتەر ناتونۇش كونا تامنى چاققۇچى ئۇيغۇر. ئەي يىگىتلەر، قاراپ بېقىڭلار شەيتان ئەينەك ئەمەسمۇ شەھەر؟ كۆرۈنمەيمىز قارىساق ئەگەر . (ئاپ تور نىڭ<<چۈمبەلدىكى كۆز>>ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى) 随机文章: مۇنداق سىھرىگەرنى كۆرگەنمۇ؟ 2008-04-01 你的上网资格老吗 2008-03-26 نادىر ناخشا: ۋاي ۋاي دادا ۋاي دادا 2008-04-05 دېققەت : يامان كۈلكىلىك، ماۋۇ كۈرۈنۈشنى ئۈزىڭىزيالغۇزلا كۈرۈڭ! 2008-04-05 ئادەم ئاتىنىڭ پانىي دۇنياغا قوغلانغانلىقى 2008-04-03 收藏到: Del.icio.us Tag: ئادىل تۇنىياز ئۇيغۇرى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر 引用地址: dolanboy 发表于 21:15:34 | تەھرىرلەش | تېما داۋامىنى كۈرۈش| | يوللاش| | 推荐 发表评论

原始快照:web.archive.org